زەبۇر 127
127
127-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، سۇلايمان يازغان مۇناجات
1ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار،
ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر.
ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار،
بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.
2بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار
ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار،
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە
كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.
3پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر،
ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.
4تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا،
ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا.
5بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا،
چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا،
يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا.#127: 5 يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا _ ئەينى چاغلاردا كىشىلەر ھەق-ناھەقنى ئايرىشتا شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا خەلقىئالەم ئالدىدا مۇنازىرىلىشەتتى. ماجىرالار شۇ يەردە ھەل قىلىنىپ، ھۆكۈم چىقىرىلاتتى.
Currently Selected:
زەبۇر 127: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti