زەبۇر 126
126
126-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات
1پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا،
بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.
2خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا،
چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا.
«پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»،
دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا.
3دەرۋەقە پەرۋەردىگار زور ياخشىلىق قىلدى بىزگە،
شاد-خۇراملىق تولدى بىزنىڭ قەلبىمىزگە.
4روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار،
توساتتىن سۇغا تولغاندەك جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار.
5يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار.
6دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇرۇق خالتىسىنى، يىغا بىلەن كەتكەن كىشى،
قايتىپ كېلەر ناخشا بىلەن، ئورىغان باغلاملىرىنى كۆتۈرگەن پېتى.
Currently Selected:
زەبۇر 126: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti