YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 124

124
124-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات
1«ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا»،
ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار!
2‏-5كىشىلەر بىزگە ئاچچىقلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتكىنىدە
ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا،
ئۇلار بىزنى تىرىك پېتى يەۋېتەر ئىدى.
كەلكۈن كەبى ئېقىپ كەلگەن ئادەم توپى
دولقۇن ياساپ باسقىنىدا ئۈستىمىزدىن
ئەزىم دەريادەك بىزنى غەرق قىلار ئىدى.
6ئېيتايلى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،
يەم قىلمىدى بىزنى ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا.
7قېچىپ چىقتۇق قۇش كەبى بىز ئۇلارنىڭ قاپقىنىدىن،
تۇزىقى بۇزۇلۇپ، قاچتۇق ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن.
8بىزگە ياردەم بەرگەن پەرۋەردىگاردۇر،
ئۇ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدۇر.

Currently Selected:

زەبۇر 124: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in