YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 123

123
123-مۇناجات
يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان مۇناجات
1ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا،
تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا.
2كۆزلىرىمىز تىكىلگەندۇر خۇدايىمىز _ پەرۋەردىگارغا،
قۇللارنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن قۇلدارنىڭ قوللىرىغا،
دېدەكنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن ئاغىچا خېنىمنىڭ قوللىرىغا.
تاكى بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە تەلمۈرىمىز پەرۋەردىگارغا.
3ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىل، شەپقەت قىل بىزگە،
چۈنكى تارتقان خورلۇقلىرىمىز يېتىپ ئاشقۇچە.
4مازاقلىرىغا قالدۇق تولىمۇ باغرى تاشلارنىڭ،
خورلۇقىنى تارتتۇق خويمۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ.

Currently Selected:

زەبۇر 123: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in