YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 101

101
101-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات
1كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى،
ئى پەرۋەردىگار كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى.
2يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن،
پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟
3خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك،
يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك،
ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك.
4كۆڭلۈم مېنىڭ ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر،
ھەمدە ھەممە رەزىللىكتىن يىراقتۇر.
5باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ،
كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ.
6كىم ئەرشتىكى خۇداغا سادىق بولسا،
ئۇلارغا ئۆز ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن.
توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى
مېنىڭ خىزمىتىمگە قويىمەن.
7ھىيلىگەرلەرگە ئوردامدا ئورۇن يوقتۇر،
يالغانچىلار ھۇزۇرۇمدا بولالماستۇر.
8زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە،
بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە.

Currently Selected:

زەبۇر 101: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Video for زەبۇر 101