YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 100

100
100-مۇناجات
شۈكۈر ئېيتىش مۇناجىتى
1ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار،
ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار.
2خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا،
شادلىق بىلەن مۇناجات ئوقۇپ كىرىڭلار ھۇزۇرىغا.
3بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر،
بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز،
بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.
4دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ،
قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ،
تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ.
5بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر،
ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر،
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.

Currently Selected:

زەبۇر 100: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Video for زەبۇر 100