دانىيال 7
7
دانىيالنىڭ چۈشىدە تۆت مەخلۇق كۆرۈشى
1-2مەن دانىيال بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ بىر كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم ۋە چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. مەن كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەر مۇنداق ئىدى:
تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوراندا دېڭىز سۈيى چايقىلىۋاتاتتى. 3تۇيۇقسىز دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان غايەت چوڭ تۆت مەخلۇق چىقىپ كەلدى.
4بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يولۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.
5ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. ئۇ ئۈچ تال قوۋۇرغىنى چىشلىۋالغانىدى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى.
6ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى مەخلۇقنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.
7شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.
8مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇراتتىم. مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىرگە قومۇرۇپ تاشلىدى. ئۆسۈپ چىققان كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى.
9مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى.
ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى.
ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى.
ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ،
كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
10ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى،
ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى.
سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.
11مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم، ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈز تېخىچە پو ئېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا تۆتىنچى مەخلۇق ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتى ئوتقا تاشلىنىپ، كۆيدۈرۈۋېتىلدى. 12قالغان ئۈچ مەخلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل ياشاشقا يول قويۇلدى.
13چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا بۇلۇتلاردا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى. 14ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىي بولىدۇ، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.
دانىيال كۆرگەن چۈشنىڭ مەنىسى
15مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم. 16شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 17«بۇ تۆت مەخلۇق يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. 18لېكىن ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.»
19شۇ چاغدا مەن تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئۇ باشقا ئۈچ مەخلۇققا ئوخشىمايتتى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ تۆمۈر چىشلىرى، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. 20مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى. 21مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم. ئۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 22شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا كېلىپ، تەقۋادارلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىدى. تەقۋادارلارنىڭ پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلدى.
23ئۇ پەرىشتە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى مەخلۇق يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىق بولۇپ، ئۇ باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يالماپ يۇتۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ، ۋەيران قىلىدۇ. 24ئون مۈڭگۈز بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. 25ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل#7: 25 «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل» _ ئۈچ يېرىم يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. تۇرىدۇ. 26ئاندىن ئەرشتە سوئال-سوراق باشلىنىدۇ. زالىم پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ. 27يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»
28كۆرگەنلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.
Currently Selected:
دانىيال 7: HZUT
Highlight
Share
Compare
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti