YouVersion Logo
Search Icon

دانىيال 6

6
دانىيالنىڭ شىر سولانغان ئورەككە تاشلىنىشى
1پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى. 2ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنى ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دانىيال ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى. 3دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى. 4ئەمما باشقا ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى دانىيالنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. لېكىن دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار دانىيالدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:
_ ئەگەر بىز دانىيالدىن قۇسۇر تاپماقچى بولساق، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تېپىشىمىز كېرەك، _ دېيىشتى.
6شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى:
_ پادىشاھ دارىئوس، ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 7پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق بىر پەرمان چۈشۈرۈشلىرىنى مەسلىھەتلەشتۇق: «ئەگەر 30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن». 8پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرگەيلا. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ.
9شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس بۇ پەرمانغا ئىمزا قويدى.
10دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، دۇئا قىلدى. 11پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 12ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «ئوتتۇز كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر سولانغان ئورەككە تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە.
_ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن يازما پەرماننى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، _ دېدى پادىشاھ. 13ئۇلار پادىشاھقا يەنە:
_ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.
14پادىشاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى. 15كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!
17ئورەكنىڭ ئېغىزى قورام تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلدى. پادىشاھ ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن قورام تاشقا ئۆزىنىڭ مۆھۈرىنى باستى ۋە ئەمەلدارلىرىمۇ مۆھۈرلىرىنى بېسىشتى. 18پادىشاھ ئوردىغا قايتا كەلگەندىن كېيىن، ھېچ نېمە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم كېچى ئۇخلىمىدى.
19ئەتىسى پادىشاھ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر سولانغان ئورەككە يول ئالدى. 20ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن:
_ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
21دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەڭگۈ ياشىغايلا! 22مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم.
23پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر سولانغان ئورەكدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىلدى، ئۇ ساق-سالامەت ئىدى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى. 24شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى ئورەكنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى چايناپ، سۆڭەكلىرىنى ئېزىۋەتتى.
25پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى:
«ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن! 26مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى،
پادىشاھلىقىمدىكى ھەممە ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئەيمەنسۇن.
چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر.
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.
27ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر.
ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.
ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»
28دانىيال دارىئوس پادىشاھنىڭ زامانىدا ۋە پېرسىيەلىك كورەش پادىشاھ بولغان زاماندا مەرتىۋىلىك ياشىدى.

Currently Selected:

دانىيال 6: HZUT

Highlight

Share

Compare

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in