دانىيال 11
11
1مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغدىغانىدىم.
جەنۇبىي ۋە شىمالىي پادىشاھلىقلار
2پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، پۈتۈن خەلقنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭ قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. 3ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ. 4ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىق تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىقلار ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.
5جەنۇبتىكى پادىشاھ#11: 5 جەنۇبتىكى پادىشاھ _ مىسىر پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. قۇدرەت تاپىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى تېخىمۇ بەكرەك قۇدرەت تېپىپ، شىمالدىكى پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈچى تېخىمۇ زور بولىدۇ. 6بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ#11: 6 شىمالدىكى پادىشاھ سۈرىيە پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. جەنۇبتىكى پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. لېكىن قىز ئوردىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمايدۇ، پادىشاھمۇ ئوردىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا قىز، قىز بىلەن بىرگە كەلگەنلەر، قىزنىڭ بالىسى ۋە قىزغا ياردەم بەرگەنلەر خائىنلار تەرىپىدىن قەستكە ئۇچرايدۇ.
7كېيىن قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىققا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. 8ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمالىي پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلمايدۇ. 9كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ، لېكىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 10شىمالدىكى پادىشاھنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.
11جەنۇبتىكى پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. 12جەنۇبتىكى پادىشاھ دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
13بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، خىل قوراللانغان قۇدرەتلىك قوشۇننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىدۇ. 14ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبتىكى پادىشاھقا قارشى باش كۆتۈرىدۇ. ئەي دانىيال، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى بەزى زوراۋانلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. 15شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھلىققا تەۋە مۇستەھكەم بىر شەھەرنىڭ سېپىلىگە توپا دۆۋىلەپ، ئۇنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇبىي پادىشاھلىقنىڭ قوشۇنى قارشىلىق قىلالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرىمۇ قارشىلىق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. 16شىمالدىكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ.
17شىمالدىكى پادىشاھ پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، جەنۇبىي پادىشاھلىققا يۈرۈش قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ جەنۇبتىكى پادىشاھنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 18كېيىن شىمالدىكى پادىشاھ دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خەلقلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ياقا يۇرتلۇق بىر سەركەردە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، ئۇنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ. 19شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشۇنلىرى بىلەن زېمىنىدىكى ھەرقايسى قەلئەلەرگە چېكىنىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ھالاكەتكە ئۇچراپ ئۆلىدۇ.
20ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى پادىشاھلىقنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەلدار تەيىنلەپ، خەلقتىن ھەر تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەختكە ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ جەڭدە ئەمەس، سۇيىقەستتە ئۆلىدۇ.
21شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ. 22ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن باش روھانىينىمۇ يوقىتىدۇ. 23كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ. 24بايلىقى مول يەرلەرگە تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىدىن ھېچكىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
25ئۇ زور قوشۇن توپلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇبتىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇبتىكى پادىشاھمۇ قۇدرەتلىك قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ، ئەمما جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز ئىچىدە ھەر خىل سۇيىقەستكە ئۇچرايدۇ. 26ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. لەشكەرلىرى جەڭدە تارمار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھالاك بولىدۇ. 27كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 28شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىدۇ. لېكىن ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.
29بەلگىلەنگەن ۋاقىت كەلگەندە، شىمالدىكى پادىشاھ جەنۇبتىكى پادىشاھقا يەنە ھۇجۇم قىلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. 30كىتتىملىقلار#11: 30 رىملىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.نىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ قورقۇپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىگە ئىشەنگۈچىلەرگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
31شىمالدىكى پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك نەرسە»نى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قويىدۇ. 32شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇداغا ساداقەتمەنلەر قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
33خەلق ئىچىدىكى دانا يولباشچىلار خەلققە تەلىم بېرىدۇ. لېكىن مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جەڭدە ھالاك بولىدۇ، بەزىلىرى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىدۇ، بەزىلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 34خۇدانىڭ خەلقى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە ئازغىنا ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمايدۇ. 35بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.
36پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 37ئۇ ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلارغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. 38ئەمما ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ باقمىغان قورغانلار ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئۇ بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. 39ئۇ ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەننىڭ قورغانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە يات خەلقنىڭ ئىلاھىنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قىلدىم دەپ ئويلايدۇ. ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا شان-شەرەپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى يەر-زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
40زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ. 41ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. 42شىمالدىكى پادىشاھ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 43ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇ لىۋىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ. 44كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر ئۇنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. 45ئۇ دېڭىز بىلەن مۇقەددەس كۆركەم تاغ ئارىسىغا شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.
Currently Selected:
دانىيال 11: HZUT
Highlight
Share
Compare
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti