شىمالدىكى پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك نەرسە»نى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قويىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇداغا ساداقەتمەنلەر قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.