تىتۇسقا يېزىلغان خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى كرىت ئارىلىدىكى ياش، ئىشەنچلىك ياردەمچىسى تىتۇسقا يازغان. تىتۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچى بولۇپ، ئۇ پاۋلۇس بىلەن كرىت ئارىلىدىكىلەرگە ئەڭ ئاۋۋال خۇش خەۋەر يەتكۈزگەن. پاۋلۇس كرىت ئارىلىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، تىتۇسنى شۇ يەردە قالدۇرغان.
بۇ خەتتە پاۋلۇس ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك مىجەز-خۇلقلارنى تىلغا ئېلىپ، تىتۇسقا جامائەتچىلىكتىكى ياشانغان ئەرلەر، ياشانغان ئاياللار، ياش ئەرلەر ۋە قۇللارغا تەلىم بېرىش توغرىسىدا نەسىھەتلەرنى بەرگەن. پاۋلۇس يەنە تىتۇسقا ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پوزىتسىيىنى ئۇلارنىڭ ئېسىگە سېلىشنى تاپىلىغان.
تېزىس:
1. سالام (1-باب 1 - 4-ئايەتلەر)
2. جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك مىجەز-خۇلق (1-باب 5 - 16-ئايەتلەر)
3. جامائەتچىلىك ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى (2-باب)
4. يوليورۇق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش (3-باب 1 - 11-ئايەتلەر)
5. ئاخىرقى سۆز (3-باب 12 - 15-ئايەتلەر)
Currently Selected:
تىتۇسقا يېزىلغان خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti