YouVersion Logo
Search Icon

ۋەھىيلەر ‮(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)‬

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
ئەينى ۋاقىتتا، رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقى ئاستىدا ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، شىددەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ھەتتا بەزى ئېتىقادچىلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولغان يۇھاننامۇ خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پاتموس ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يۇھانناغا خۇدادىن ۋەھىيلەر كېلىپ، يۇھاننا خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەۇچىلىكىگە (ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى تۈركىيىدە) يېزىپ قالدۇرغان.
بۇ كىتابتىكى خاتىرىلەنگەن ۋەھىيلەر كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى، بولۇپمۇ خۇدانىڭ جازاسىنى (ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل بالايىئاپەتلەرنى ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى) كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەھىيلەرنىڭ سىمۋوللۇق تىلدا ئىپادىلەنگەن كۆپ قىسىملىرى بەلكىم ئەينى چاغدىكى ئېتىقادچىلارغا چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كىتابخانلارغا سىر بولۇپ قالغان. ئەمما كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شەيتاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ئاخىرى غەلىبە قىلىپ، ئۆزىنىڭ سادىق خەلقىگە يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن ئاتا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
تېزىس:
1. مۇقەددىمە (1-باب 1 - 8-ئايەتلەر)
2. دەسلەپكى ئالامەتلەر (1-باب 9 - 20-ئايەتلەر)
3. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە يېزىلغان يەتتە پارچە خەت (2-، 3-بابلار)
4. يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن ئورام يازما (4-بابتىن 8-باب 1-ئايەتكىچە)
5. يەتتە كاناي (8-باب 2-ئايەتتىن 11-بابقىچە)
6. يەتتە باشلىق ئەجدىھا ۋە ئىككى دىۋە (12-، 13-بابلار)
7. كۆرۈنگەن باشقا ئالامەتلەر (14-، 15-بابلار)
8. يەتتە چىنە (16-باب)
9. بابىل، ساختا پەيغەمبەر، دىۋە ۋە ئىبلىسنىڭ تارتقان جازاسى (17-بابتىن 20-باب 10-ئايەتكىچە)
10. ئاخىرقى ھۆكۈم (20-باب 11 - 15-ئايەتلەر)
11. يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن (21-بابتىن 22-باب 5-ئايەتكىچە)
12. خاتىمە (22-باب 6 - 21-ئايەتلەر)

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy