YouVersion Logo
Search Icon

ۋەھىيلەر 2

2
ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت
1- ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە#1 ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باشلامچىسى كۆرسىتىلىشى مۇمكىن. مۇنداق ياز:«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 2سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. 3شۇنداق، سەن سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ. 4لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم باركى، ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ دەسلەپكىدىن سۇسلاشتى. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن. 6بىراق، سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، ئۇ بولسىمۇ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس#6 بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلغانلارنىڭ بۇتپەرەسلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى تەرغىب قىلاتتى. تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلەندىڭ.
7مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»
ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت
8- ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«تۇنجى ۋە ئاخىرقى، ئۆلۈپ تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: 9سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر. 10كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
11مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.»
پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت
12- پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 13سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ. 14لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. 15شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەرمۇ بار. 16شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل. ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا دەرھال بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن ساڭا زەربە بېرىمەن.
17مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن#17 «مىسىردىن چىقىش» 16-باب، 32 - 36-ئايەتلەرگە ۋە «يۇھاننا» 6-باب، 48 - 58-ئايەتلەرگە قارالسۇن. بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»
تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت
18- تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: 19سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجرىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەمەلىيىتىڭنىڭ دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. 20لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. 21مەن ئۇنىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىغا توۋا قىلىشنى خالىمىدى. 22ئەمدى ئۇنى ئېغىر كېسەل قىلىپ ياتقۇزۇۋېتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىمەن. 23ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.
24-25لېكىن، تىياتىرادىكى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان ۋە شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»~نى ئۆگەنمىگەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ ساقلاڭلار. سىلەرگە بۇنىڭدىن باشقا تەلەپ قويمايمەن. 26كىم غەلىبە قىلسا، يەنى ئەمرلىرىمگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا پۈتكۈل خەلقلەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 27مانا بۇ، ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر. زەبۇردا يېزىلغاندەك:
«ئۇ ئۇلارنى#27 بۇ ئايەت زەبۇر 2-باب 9-ئايەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ئۇلار» خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرۇپ،
ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ.»
28غەلىبە قىلغۇچىلارغا يەنە تاڭ يۇلتۇزىنى ئاتا قىلىمەن. 29مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!»

Currently Selected:

ۋەھىيلەر 2: HZUT

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy