YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 95

95
95-مۇناجات
1ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ،
قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ.
2ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى،
تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.
3چۈنكى خۇدا _ ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر،
ئۇ بىر بۈيۈك پادىشاھ، بارلىق «ئىلاھلار»دىن#95: 3 ئىلاھلار _ بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئىلاھلار» دۇنيادىكى ھەر خىل خەلقلەر ئىشىنىدىغان يالغان ئىلاھلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۈستۈندۇر.
4چوققىلاردىن تاكى ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە زېمىننىڭ،
جىمىسى ئۇنىڭ قولىدا، مۈلكىدۇر ئۇنىڭ.
5دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى،
زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى.
6سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا،
ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.
7چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،
بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز،
ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.
8بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر،
ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك،
چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك.#95: 8 مىرىبا ۋە ماسساھ _ يەر ئىسىملىرى بولۇپ، مەنىسى «جېدەل» ۋە «سىناش» دېگەنلىكتۇر. ئىسرائىللار بۇ يەرلەردە مۇسا پەيغەمبەردىن رەنجىگەنىدى ۋە پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 17-بابقا قارالسۇن.
9ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى،
مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى تەكشۈرگەنىدى.
10مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن،
دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن،
ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›
11قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا:
‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»

Currently Selected:

زەبۇر 95: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Video for زەبۇر 95