زەبۇر 92
92
92-مۇناجات
دەم ئېلىش كۈندە#92: 0 دەم ئېلىش كۈنى _ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۇدىيلارغا بۇ كۈندە ئىش قىلماي دەم ئېلىش ھەققىدە ئەمر قىلغان. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 20-باب 8_11 ئايەتلەرگە قاراڭ. ئېيتىلىدىغان مۇناجات
1ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش،
ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش.
2بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە،
ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _
3ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا،
لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا.
4چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا،
ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا.
5ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ.
شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ.
6تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر،
چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر.
7گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر،
شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر،
لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار.
8ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار.
9مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار،
تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار.
10لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى،
ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى.#92: 10 بېشىغا ماي سۈركەش _ ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەدە مېھماننىڭ بېشىغا روھلاندۇرىدىغان خۇش پۇراقلىق ماي سۈركەش ئادىتى بار ئىدى.
11كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى،
ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى.
12خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار،
ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.
13تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا،
گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا.
14قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە،
بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە.
15شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى: «پەرۋەردىگار ئادىلدۇر،
ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.»
Currently Selected:
زەبۇر 92: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti