زەبۇر 87
87
87-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇڭلۇق مۇناجات
1مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر#87: 1 خۇدا قۇرغان شەھەر _ سىئون شەھىرىنى، يەنى يېرۇسالېمنى كۆرسىتىدۇ. تۇرار.
2پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن
سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.
3ئەي خۇدانىڭ شەھىرى،
شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ
4راخابلىق#87: 4 راخاب _ مىسىرنىڭ لەقىمىدۇر. ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا،#87: 4 4-ئايەت خۇدانىڭ ئېيتقان بىۋاسىتە سۆزلىرىدۇر.
فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا.
دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»
5سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار:
«سىئوندا تۇغۇلغان ھەر مىللەتتىن بولغانلار»،
ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار.
6يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار:
«بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. سېلاھ
7ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار:
«ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.»
Currently Selected:
زەبۇر 87: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti