YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 81

81
81-مۇناجات
بۇ ئاساف يازغان مۇناجات بولۇپ، نەغمىچىلەر بېشىغا «گىتتىف»تا#81: 0 گىتتىف _ گات شەھىرىدە ئىجاد قىلىنغان بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭنىڭ نامى. يەنە بىر چۈشەندۈرۈلۈشتە، بىرەر بايرام ياكى مۇراسىمدا ئېيتىلغان ناخشىدۇر. چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان.
1كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا،
شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار.
ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى
خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.
2چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا،
مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.
3يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا،
بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.
4بۇ ئىسرائىللارغا چۈشكەن بىر پەرماندۇر،
ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ھۆكۈمىدۇر.
5‏-6يۈسۈپ نەسلىنى مىسىردىن چىققان ۋاقتىدا،
بۇنى ئىسرائىللارغا قانۇن قىلىپ بېكىتكەندۇر.
مەن ناتونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم:
«ئۇنىڭ مۈرىسىنى يۈكتىن بىكار قىلدىم،
قوللىرىنى سېۋەتتىن ئازاد قىلدىم.
7قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ،
مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم.
قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم،
مىرىبادا#81: 7 مىرىبا _ جاينىڭ ئىسمى بولۇپ، ئېلىشىش، جېدەل دېگەن مەنىدە. ئىسرائىللار بۇ يەرلەردە مۇسا پەيغەمبەردىن رەنجىگەنىدى ۋە پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 17-بابقا قارالسۇن. ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. سېلاھ
8تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار!
مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:
9زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار،
ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار.
10سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان
پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن.
ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار،
بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.
11بىراق خەلقىم سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى،
ئىسرائىل خەلقى ماڭا بويسۇنمىدى.
12شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا،
مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.
13خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى،
ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.
14دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم،
رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇيار ئىدىم.
15شۇندا، ماڭا ئۆچمەنلەر قورقۇپ بويسۇنار ئىدى،
ئۇلار ھەمىشە شەرمەندىلىكتە قالار ئىدى.
16سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم،
تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»

Currently Selected:

زەبۇر 81: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

Video for زەبۇر 81