زەبۇر 115
115
115-مۇناجات
1بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە،
بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە،
چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە
چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.
2مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر،
«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر.
3بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار،
نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار.
4يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت،
ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد.
5ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس،
كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس.
6قۇلاقلىرى تۇرسىمۇ ئاڭلىيالماس،
بۇرنى تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى پۇرىيالماس.
7قوللىرى بولسىمۇ، ئۇلار تۇتالماس،
پۇتلىرى بولسىمۇ، ماڭالماس.
كانايلىرىدىن ئاۋاز چىقىرالماس.
8بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار،
ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.
9ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە،
ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.
10ئەي ھارۇن جەمەتى،#115: 10 ھارۇن جەمەتى _ خۇدانىڭ روھانىيلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تايىنىڭلار ئىگىمىزگە،
ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.
11ئەي پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار،
تايىنىڭلار ئىگىمىزگە.
ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە.
12پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتەر،
ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرىكەت بېرەر،
ھارۇن جەمەتىگە بەرىكەت بېرەر.
13ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر،
كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.
14ئىگىمىزدىن سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا،
ھەسسىلەپ بەخت-سائادەت ياغقاي دائىما.
15ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى،
سىلەرگە ئاتا قىلغاي چەكسىز بەختنى.
16ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا،
زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا.
17ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە،
مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە.
18لېكىن بىز بۈگۈن ۋە تائەبەدكە،
رەببىمىزنى تەرىپلەيمىز مەڭگۈگە.
ھەمدۇسانا ئوقۇيلى ئىگىمىزگە!
Currently Selected:
زەبۇر 115: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti