YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 110

110
110-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات
1پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە:
«ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا،
مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.»
2پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن،
دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.»
3سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا،
تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا.
سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا،
خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.
4پەرۋەردىگار ئۆزگەرتمەس قىلغان مۇنۇ قەسىمىنى:
«مەڭگۈلۈك روھانىيدۇرسەن مالكىسىدىقنىڭ#110: 4 مالكىسىدىق _ سالېم (يېرۇسالېم) شەھىرىنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئۇ ئىبراھىم پەيغەمبەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەن. «مالكىسىدىق» دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. «سالېم پادىشاھى» دېگەننىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-ئەۋلادى، نەسەبى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە يوق. «تەۋرات. ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 14-بابقا قارالسۇن. قاتارىدىكى.»
5ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە،
پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە.
6ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە،
باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە،
ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.
7ئىگەم يول ئۈستىدە بۇلاقتىن سۇ ئىچەر،
كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرەر.

Currently Selected:

زەبۇر 110: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in