YouVersion Logo
Search Icon

زەبۇر 104

104
104-مۇناجات
1ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا!
شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا،
ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا.
2لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن،
ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن.
3ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى
ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا،
جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى،
ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا.
4شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى،
ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.#104: 4 شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى _ بەزى تەرجىمىلەردە «پەرىشتە قىلىسەن شامالنى، خىزمەتكار قىلىسەن ئوت يالقۇنىنى» دەپ ئېلىنغان.
5ئورنىتىپسەن يەرنى شۇنچە مۇكەممەل
ئۇ ئۇلىدىن ھېچبىر زامان تەۋرەنمەس.
6‏-7دېڭىز يەرنى لىباس كەبى ئورىغان،
چوققىلارمۇ سۇ ئاستىدا قالغانتى.
گۈلدۈرماماڭ ئەيمەندۇرگەچ سۇلارنى،
سۇلار تېزدىن ئۆز ئورنىغا يانغانتى.
8تاغلار كۆرۈنۈپ، ۋادىلارمۇ ئايان بولدى،
سۇلار ھەم سەن بۇيرۇغان يەرگە كېلىپ جايلاشتى.
9دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى،
سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى.
10‏-11سەن بولغاچ ۋادىدا بۇلاق كۆزى ئېچىلىپ،
تاغلار ئارا شىلدىرلاپ ئاقتى سۇلىرى.
سۇلار ئىچسە ئۇنىڭدىن دالادىكى جانىۋارلار،
قانار ئىدى ھەتتاكى ياۋا ئېشەكنىڭ تەشنالىقى.
12سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ،
دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ.
13ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى،
ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى.
14چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ،
ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ،
ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ.
15كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا،
قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە،
جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.
16لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى
پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى،
خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى.
17ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار،
ئارچا دەرەخلىرى لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار.
18تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار،
تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار.
19ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ،
قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ.
20قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ،
ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ.
21ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۇۋلىشار،
رىزىقلىرىنى ئۇلار، خۇدا سەندىن سورار.
22قۇياش چىقسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىغا قايتار،
قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىدا ئارام ئالار.
23ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار،
ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار.
24پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر.
سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى،
بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر.
25ئەنە ئالدىڭدا بىپايان دېڭىز ياتار،
ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز جانلىق ياشار،
ھەم ئۇلارنىڭ چوڭى ۋە كىچىكى باردۇر.
26ئۇندا يەنە سەن ياراتقان لىۋياتان#104: 26 لىۋياتان _ دېڭىزدا ياشايدىغان ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق ھايۋان بولۇپ، كەنئانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە ئۇچرايدۇ. بار،
ئۈستىدە ئۇنىڭ قېيىق بىلەن كېمە قاتنار.
27ئۇلار سەندىن رىزقى ئۈچۈن ئوزۇق كۈتەر،
ئوزۇق ئۈچۈن جامالىڭغا تەلمۈرەر.
28ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار،
شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار.
29دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا،
جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا.
30سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار،
پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار.
31پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي،
پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي.
32پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر،
تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.
33ناۋادا جېنىم تەندە بولسىلا
مەدھىيە ئوقۇيمەن خۇدايىمغا،
مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ئۇنىڭغا.
34ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي،
چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال،
35گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي،
رەزىللەر زاۋال تاپقاي.
ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا،
ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا.

Currently Selected:

زەبۇر 104: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in