ناھۇم 3
3
نىنەۋىنىڭ جازالىنىشى
1ھالىڭغا ۋاي، قانخورلۇققا تولغان شەھەر،
ھالىڭغا ۋاي، يالغانچىلىققا چۆمگەن شەھەر،
ھالىڭغا ۋاي، ئولجىلارغا كۆمۈلگەن شەھەر،
سەندە تالان-تاراج ھېچقاچان ئۈزۈلمەس.
2قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرار،
قامچىلارنىڭ تاراسلاشلىرى،
چاقلارنىڭ جاراق-جۇرۇقلىرى،
ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى،
جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرى.
3ئاتلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ.
قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ.
سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ.
ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.
4چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ناز-كەرەشمىلىك بۇزۇق پاھىشىدەك تۇتتۇڭ.
جادۇگەرلىك بىلەن ئەللەرنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلىپ،
بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە قۇل قىلدىڭ.
سېھىر-جادۇلىرىڭ بىلەن خەلقلەرنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈردۈڭ.
5قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئەي نىنەۋى، ئاڭلاپ تۇر! مەن ساڭا قارشىدۇرمەن!
مەن كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىۋېتىپ، يۈزۈڭگە يېپىپ قويىمەن.
ئەللەرگە سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭنى كۆرسىتىمەن.
ئەللەر ئالدىدا سېنى شەرمەندە قىلىمەن.
6ئۈستبېشىڭغا نىجاسەت ياغدۇرۇپ،
سېنى رەسۋا قىلىمەن.
كۆپچىلىككە سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرسىتىمەن.
7سېنى كۆرگەنلا ئادەم سەندىن قېچىپ:
‹نىنەۋى خاراب بولدى!
كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكەر؟› دەيدۇ.
ساڭا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوقتۇر!»
نىنەۋىنىڭ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالماسلىقى
8ئەي نىنەۋى،
سەن نو شەھىرىدىن بىخەتەر ئەمەس!
ئۇ شەھەر نىل دەرياسىنىڭ يېنىدا بولۇپ،
سۇلار ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇراتتى.
دەريا ئۇنى ئىستىھكامدەك قوغدايتتى.
9كۇش ۋە مىسىر ئۇنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى ئىدى.
پۇئۇت ۋە لىۋىيە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى.
10شۇنداقتىمۇ نو خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن بولدى.
ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى،
مۆتىۋەرلەرگە چەك تاشلاندى،
يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى كىشەنلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى.
11ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەرمۇ ئەمدى مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ قالىسىلەر،
سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن يوشۇرۇنۇپ،
ئۆزۈڭلارغا پاناھ ئىزدەپ يۈرىسىلەر.
12سىلەرنىڭ بارلىق قورغانلىرىڭلار خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرىپ،
مەي باغلىغان ئەنجۈر دەرىخىگە ئوخشايدۇ.
دەرەخ ئىرغىتىلسا، ئەنجۈر ئەنجۈرنى ئىستىگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ.
13جەڭچىلىرىڭلار خۇددى ئاجىز قىزلارغا ئوخشاپ قالىدۇ.
شەھىرىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشمىنىڭلارغا كەڭ ئېچىلىدۇ،
ئوت دەرۋازاڭلارنىڭ بالداقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
14سىلەر سۇلارنى زاپاس ساقلاپ،
دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قورشاۋىغا تەييارلىق قىلىۋېرىڭلار!
قورغانلىرىڭلارنى مۇستەھكەملىۋېرىڭلار!
پۇتلىرىڭلار بىلەن لاي ئېتىپ، كېسەك قۇيۇپ،
سېپىللىرىڭلارغا ئىشلىتىۋېرىڭلار!
15مەيلى قانداقلا قىلماڭلار، ئوت يەنىلا سىلەرنى يالماپ يۇتىدۇ.
قىلىچ بوينۇڭلاردا بولىدۇ.
خۇددى زىرائەتلەر چېكەتكىلەر تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغاندەك، سىلەرمۇ قىرىپ تاشلىنىسىلەر.
كۆپىيىۋېرىڭلار، خۇددى چېكەتكىلەردەك كۆپىيىۋېرىڭلار!
16سىلەرنىڭ سودىگەرلىرىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ بولۇپ،
ئۇلار بىر توپ چېكەتكىلەردەك ھەممىنى قۇرۇقداپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ.
17سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار خۇددى سوغۇق كۈنلەردە چىتلاقلارنى قاپلىغان بىر توپ چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ.
لېكىن قۇياش چىققاندا، ئۇلار ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرلەرگە ئۇچۇپ كېتىدۇ.
18ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى،
سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى!
سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى.
ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.
19سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس،
سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر.
سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى
خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ.
كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟!
Currently Selected:
ناھۇم 3: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti