ناھۇم 1
1
1بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان.
پەرۋەردىگارنىڭ نىنەۋىگە غەزەپلىنىشى
2پەرۋەردىگار ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر.
پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر.
پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ،
ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.
3پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر،
ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ،
لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ.
ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر،
بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر.
4ئۇ دېڭىزغا: «قۇرۇپ كەت» دەپ ئەمر قىلسا، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ،
ئۇ بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ.
باشاننىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرى ۋە كارمەل تېغىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ،
لىۋان تاغلىرىدىكى گۈللەر توزۇيدۇ.
5ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ،
ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار تىترەپ تۇرىدۇ.
6خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟
كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ.
قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
7پەرۋەردىگار ياخشىدۇر،
ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر،
ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدىگەنلەرنى قوغدايدۇ.
8لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ،
ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ.
9ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟
ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى،
ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.
10سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە
ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر.
سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
11ئاراڭلاردىن رەزىللىك بىلەن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرغان ۋە
پەرۋەردىگارغا قارشى يامان غەرەزدە بولغان بىرى چىقتى.
12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، ئاسسۇرلار قانچە كۈچلۈك ۋە كۆپ بولسىمۇ،
ئۇلار يەنىلا ۋەيران بولۇپ، يوق بولىدۇ.
مەن ئىلگىرى سىلەرنى ئازابقا سالغانىدىم،
ئەمدى سىلەرنى قايتا ئازابلىمايمەن.
13مەن ئاسسۇرلارنىڭ بوينۇڭلارغا سالغان بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن،
ئۇلارنىڭ سىلەرگە سالغان كىشەنلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن.»
14ئەي نىنەۋىلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى:
«سىلەرنىڭ نامىڭلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار قالمايدۇ.
مەن ئىلاھلىرىڭلارنىڭ بۇتخانىلىرىدىكى ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.
مەن سىلەر ئۈچۈن گۆر تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرزىمەس ئادەملەرسىلەر.»
15قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ،
خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە،
ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا!
ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار!
قىلغان قەسەملىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار!
قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ،
ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.
Currently Selected:
ناھۇم 1: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti