YouVersion Logo
Search Icon

مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3

3
چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ تەلىم بېرىشى
1شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ، 2كىشىلەرگە:
- يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! - دېدى. 3چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن:
«باياۋاندا بىر كىشى:
˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!
ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ دەپ توۋلايدۇ.»
4يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. 5يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، 6گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى#6 بۇ يەردە ئېيتىلغان چۆمۈلدۈرۈش كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش مۇراسىمىنى كۆرسىتىدۇ. قوبۇل قىلىشتى.
7پەرىسىي ۋە سادۇقىي#7 پەرىسىي ۋە سادۇقىي - يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان ئىككى خىل مەزھەپتىكى كىشىلەر. تەبىرلەردىكى «پەرىسىي» ۋە «سادۇقىي»~غا قارالسۇن. ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:
- ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. 9ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 10پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 11مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 12ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى
13شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى. 14بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي:
- سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ - دېدى.
15لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن:
- ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى. 16ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy