YouVersion Logo
Search Icon

مالاكى 4

4
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈننىڭ يېقىنلىشىشى
1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى تونۇردىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك بولىدۇ. شۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبىغىچە ھېچ نەرسە قالمايدۇ».
2«ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتلىك قۇياش چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر. 3مەن ھۆكۈمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى تاپىنىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.
4«مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئىتائەت قىلىشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.
5بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. 6ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.»

Currently Selected:

مالاكى 4: HZUT

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy