يەھۇدا يازغان خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنىسى يەھۇدادۇر.
بۇ خەت پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت بىلەن مەزمۇن جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ، مۇئەللىپنىڭ بۇ خەتنى يېزىشىدىكى مەقسىتى ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
مۇئەللىپنىڭ بۇ خەتنى قەيەردىكى ئېتىقادچىلارغا يازغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، خەتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەلىملىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشقا ھەمدە ئېتىقادىدا تەۋرەنگۈچىلەرگە ياردەم بېرىشكە ئۈندىگەن.
تېزىس:
1. سالام (1-، 2-ئايەتلەر)
2. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ھەققىدە (3 - 16-ئايەتلەر)
3. ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تاپىلاش (17 - 23-ئايەتلەر)
4. خۇداغا مەدھىيىلەر (24 - 25-ئايەتلەر)
Currently Selected:
يەھۇدا يازغان خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti