YouVersion Logo
Search Icon

يۇنۇس 4

4
پەرۋەردىگارنىڭ نىنەۋىلىكلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى
1يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. 2شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟! 3ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!
4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈتتى. 6پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاپاقنى ئۈندۈرۈپ، ئۇنىڭ پېلىكىنى چەللىنىڭ ئۈستىگە يېيىلدۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە قىلدى. يۇنۇس قاپاق پېلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولدى. 7لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پېلىكىنى يەپ، ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. 8كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى. 9لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن:
_ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس. 10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سەن ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن ھەم ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى قۇرۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، 11مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.

Currently Selected:

يۇنۇس 4: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in