يۇنۇس 1
1
يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بويسۇنماسلىقى
1بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:
_ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
3لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.
4بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى. 5شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. 6كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ نەزىرى بىزگە چۈشسە، بىز ئامان قالارمىز، _ دېدى.
7كېمىچىلەر:
_ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى. 8ئۇلار ئۇنىڭدىن:
_ ئېيتقىنا، كىمنىڭ سەۋەبىدىن بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولدۇق؟ سەن نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن، قەيەردىن كەلدىڭ، قايسى خەلقتىنسەن؟ _ دەپ سوراشتى. 9يۇنۇس ئۇلارغا:
_ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
10يۇنۇس يەنە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگاردىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. كېمىچىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. ئۇلار:
_ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دېيىشتى. 11بوران-چاپقۇن ئەۋجىگە چىقتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن:
_ قانداق قىلساق دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 12يۇنۇس ئۇلارغا:
_ مېنى دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى پەسىيىدۇ. مەن شۇنى بىلىمەنكى، سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن مۇشۇنداق دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى.
13لېكىن كېمىچىلەر يۇنۇسنى دېڭىزغا تاشلىماي، ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى، ئەمما ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى. چۈنكى بوران-چاپقۇن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى. 14شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا:
_ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. چۈنكى، ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلدىڭ، _ دەپ يالۋۇردى.
15ئاندىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ ئەكېلىپ، دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىدى، بوران شۇئان توختىدى. 16كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى ئادا قىلىشتى.
17پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.
Currently Selected:
يۇنۇس 1: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti