YouVersion Logo
Search Icon

ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت ‮(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)‬

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ خەتتە مۇئەللىپ ئۆزى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. بىراق، خەتتىكى خاتىرىلەردىن ئۇنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ياخشى بىلىدىغان يەھۇدىي، ھەم ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
مۇئەللىپ ئۇشبۇ خەتنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىدىن بوشىشىپ، يەھۇدىي دىنىي ئېتىقادىغا قايتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادتا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يازغان.
مۇئەللىپ خېتىدە ئەيسا مەسىھنىڭ پەرىشتىلەر، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك باش روھانىي ئىكەنلىكىنى ھەمدە باش روھانىي سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى مەڭگۈگە قۇتقۇزىدىغان بىر قېتىملىق قۇربانلىق بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مۇئەللىپ يەنە كونا ئەھدە بويىچە قىلىنغان قۇربانلىقلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۆلەڭگىسى بولغاچقا ئېتىقادچىلارنىڭ گۇناھلار ئۈچۈن داۋاملىق قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغان ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش يولىنى تاشلاش بىلەن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. مۇئەللىپ ئاخىرىدا ئۇلارغا خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات كەچۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.
تېزىس:
1. ئەيسا مەسىھنىڭ پەرىشتىلەردىن ئۈستۈنلۈكى (1-، 2-بابلار)
2. ئەيسا مەسىھنىڭ مۇسا ۋە يەشۇدىن ئۈستۈنلۈكى (3-بابتىن 4-باب 13-ئايەتكىچە)
3. ئەيسا مەسىھنىڭ باش روھانىيلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى (4-باب 14-ئايەتتىن 7-بابقىچە)
4. يېڭى ئەھدىنىڭ ئۈستۈنلۈكى (8-، 9-بابلار)
5. ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى (10-باب)
6. ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقى (11-، 12-بابلار)
7. خۇدانى خۇرسەن قىلىش (13-باب 1 - 19-ئايەتلەر)
8. تىلەك ۋە ئاخىرقى سۆزلەر (13-باب 20 - 25-ئايەتلەر)
ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy