ھاگاي 1
1
ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى
1پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى#1: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى. 2پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ».
3پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە بىر ۋەھىي كەلدى: 4«ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھازىر ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟ 5نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار. 6سىلەر كۆپ تېرىيسىلەر، لېكىن ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر. يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا چاڭقاپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن ئىسسىمايسىلەر. ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سېلىنغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.
7-8سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇندىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم ئۇ يەردە ئۇلۇغلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! 9سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇلۇڭلار ئاز چىقتى. ھوسۇلۇڭلارنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرسىمۇ، سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بولۇپ كەتتىڭلار. 10-11شۇ سەۋەبتىن يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرگە، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا، يەنى يەردىن چىقىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ۋە چارۋا ماللارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»
12شۇنىڭ بىلەن شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن قورققانىدى. 13پەرۋەردىگارنىڭ خەۋەرچىسى ھاگاي پەيغەمبەر خەلققە يەنە ۋەھىي يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن!»
14پەرۋەردىگار شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنى روھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى. 15بۇ ۋەقە پادىشاھ دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى#1: 15 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 520-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. يۈز بەردى.
Currently Selected:
ھاگاي 1: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti