ھاگاي 7:1-9
ھاگاي 7:1-9 HZUT
سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇندىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم ئۇ يەردە ئۇلۇغلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇلۇڭلار ئاز چىقتى. ھوسۇلۇڭلارنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خاراب ھالەتتە تۇرسىمۇ، سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەن بولۇپ كەتتىڭلار.





