YouVersion Logo
Search Icon

ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2

2
1شۇنداق قىلىپ، ئالەم پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن يارىتىلىپ بولدى.
2يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئۇ كۈنى ئارام ئالدى. 3ئۇ يەتتىنچى كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ جاكارلىدى، چۈنكى بۇ كۈن خۇدا يارىتىشنى تاماملاپ ئارام ئالغان كۈن ئىدى.
ئېرەم باغ
4-5پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى جەريانىدا مۇنداق ئىشلار بولدى: پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. 6ئەمما، يەردىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغاردى. 7ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا يەرنىڭ توپىسىدىن ئادەم~ئاتىنى ياسىدى#7 ئىبرانىي تىلىدا «توپا» ۋە «ئادەم» دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى يېقىن. ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى.
8پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 9پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ يەردە يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق ھەر خىل دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىدى. بىرى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ» بولۇپ، يەنە بىرى «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ» ئىدى.
10ئېرەم دېگەن يەردىن بىر دەريا ئېقىپ كېلىپ، باغنى سۇغىراتتى. باغدىن چىققان سۇ تۆتكە بۆلۈنەتتى. 11بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان ھاۋىلاھ دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 12ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ. ئۇ يەردىن يەنە كەم ئۇچرايدىغان خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقىدۇ. 13ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 14ئۈچىنچىسى دىجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.
15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى. 16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا ئەمر قىلىپ:
- باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يە. 17ئەمما، «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ»~نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمە. چۈنكى، ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن!#17 ئۆلۈش - بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۆلۈش خۇدادىن ئايرىلىش، يەنى روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان جىسمانىي جەھەتتىكى ئۆلۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. - دېدى.
ھاۋا~ئانىنىڭ يارىتىلىشى
18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەم~ئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەم~ئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى. 20ئادەم~ئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى.
21شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەم~ئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
23ئادەم~ئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:
- مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال»#23 ئىبرانىي تىلىدا «ئايال» دېگەن سۆز ئاھاڭ جەھەتتە «ئەر» دېگەن سۆزگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئۇشبۇ سۆز شۇنىڭدىن كەلگەن. دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان.
24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.
25ئۇ چاغدا، ئادەم~ئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يالىڭاچ بولۇپ، نومۇس قىلىشمايتتى.

Highlight

Share

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in

YouVersion uses cookies to personalize your experience. By using our website, you accept our use of cookies as described in our Privacy Policy