دانىيال 4
4
نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىدە دەرەخ كۆرۈشى
1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، مۇنداق دېدى:
_ ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن! 2مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ۋە بېشارەتلىرىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىمەن.
3نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى،
نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى،
مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.
4مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم. 5بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. 6مەن بابىلدىكى بارلىق سېھىرگەر، پالچى، مۇنەججىم ۋە ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. 7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى. 8ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن ئۇنىڭغا ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم: 9«ئەي دانىشمەنلەرنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. 10مەن چۈشۈمدە زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 11ئۇ دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى. 12ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولاتتى. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايتتى. ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىغا چاڭگا تىزاتتى. ھەر خىل جانىۋارلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىناتتى.
13مەن تۆشىكىمدە يېتىپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتاتتىم. شۇ پەيتتە ئاسماندىن بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە چۈشتى. 14ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار. 15ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار. ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا قالسۇن. 16يەتتە مەزگىل#4: 16 يەتتە مەزگىل _ مەنىسى ئەسلى تېكىستتە ئانچە ئېنىق ئەمەس، يەتتە مەزگىل يەتتە يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىچىدە ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۇرى بولمايدۇ، بۇ پەقەت ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. 17بۇ ھۆكۈمنى مۇقەددەس كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر جاكارلىدى. ئىنسانلار بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ خالىسا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ›.
18بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈشتۇر. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقانداق دانىشمەن تەبىر بېرەلمىدى. ئەي بېلتىشاززار، سەن مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار».
دانىيالنىڭ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى
19دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا:
_ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرىدىن قورقۇپ كەتمىگىن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 20چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي ئۆسۈپ، ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ. ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن. 21ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىغا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ. 22پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.
23پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ئۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن».
24پادىشاھ ئالىيلىرى، تۆۋەندىكىلەر ئۇلۇغ خۇدا سىلىنىڭ باشلىرىغا كېلىشىنى بېكىتكەن ئىشلاردۇر. كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ تەبىرى مۇنداقتۇر: 25«سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا. 26پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 27شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى، بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.»
چۈشتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى
28بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. 2912 ئايدىن كېيىن ئۇ بابىلدىكى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، 30مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
31ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى! 32سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.»
33بۇ ئىش شۇئان پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلاندى، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يېدى. ئۇنىڭ تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى ئۆسۈپ قۇشلارنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈچە، بۇ ئەھۋال داۋاملاشتى.
34بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم:
«ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.
35زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر.
جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ.
ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ.
‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»
36كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى. 37ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ، يەنى خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەق ۋە ئادالەتلىكتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.
Currently Selected:
دانىيال 4: HZUT
Highlight
Share
Compare
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti