YouVersion Logo
Search Icon

دانىيال 1

1
دانىيال نىبۇكادنەزەرنىڭ ئوردىسىدا
1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى#1: 1 مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 605-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى. 2ئىگىمىز خۇدا نىبۇكادنەزەرنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى تۇتقۇن قىلىشىغا ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويدى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.
3بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان چۈشۈرۈپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر. 4بۇ ياش يىگىتلەر جىسمانىي جەھەتتە بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، مول بىلىملىك، ئەقىللىق ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىلنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى. 5پادىشاھ ئۇلارغا ھەر كۈنى ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش، ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ، ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.
6بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى. 7ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى. دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.
8دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىققا نىيەت قىلدى. شۇڭا ئۇ ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت سورىدى. 9خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى. 10ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى:
_ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا ئاجىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن.
11دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن ئۆزىنى ۋە خانانيا، مىشائېل ھەم ئازاريالارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى:
12_ سىز بىزگە كۆكتات ۋە سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، ئون كۈن سىناپ بېقىڭ. 13كېيىن بىزنى ئوردا تامىقى يەۋاتقان باشقا ياش يىگىتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. ئاندىن سىز بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قاراپ، بىزنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
14قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى. 15ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرقى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ ساغلام ۋە بەستىلىك بولۇپ كۆرۈندى. 16قاراۋۇل ئۇلارنىڭ ئوردا تامىقى ۋە شارابىنى بىكار قىلىپ، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا يول قويدى.
17خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.
18پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. 19پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى. 20پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. 21دانىيال بابىلدا پادىشاھ كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە#1‏: 21 كورەش پادىشاھ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلىدا بابىلنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. تۇرۇپ قالدى.

Currently Selected:

دانىيال 1: HZUT

Highlight

Share

Compare

Copy

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in