پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
بۇ، ئەلچى پېترۇسنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە (مۇئەللىپ مىلادىيە 68-يىلدىن بۇرۇن، يەنى رىم ئىمپېراتورى نېرونىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئېتىقادى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن) يازغان خېتىدۇر.
مۇئەللىپ بۇ خەت ئارقىلىق ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا ھەمدە خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى تاللىغانلىقىنى ھاياتىدا ئىسپاتلاشقا چاقىرغان. مۇئەللىپ ئۇلارنى بىر قىسىم ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىماتلىرىنى ۋە بۇ خىل تەلىملەرنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان ئەخلاقسىزلىقنى قامچىلىغان.
مۇئەللىپ يەنە ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلمەيدۇ، دەيدىغان تەلىماتنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ ھازىرغىچە كەلمەسلىكى خۇدانىڭ «ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولماي، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشىنى» ئىستىگەنلىكىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاخىرىدا ئۇ ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، پاك ياشاش بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا ئۈندىگەن.
تېزىس:
1. سالام (1-باب 1-، 2-ئايەتلەر)
2. ئېتىقادتا يېتىلىشنىڭ يوللىرى (1-باب 3 - 21-ئايەتلەر)
3. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەش (2-باب)
4. ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىشى (3-باب)
Currently Selected:
پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti