يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)
مۇئەللىپ بۇ خېتىنى «خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە»، يەنى مەلۇم بىر ھەقىقىي ئېتىقادچى خانىمغا ياكى مەلۇم بىر ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان. ئۇ بۇ خېتىدە ئېتىقادچىلارنى بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى تەلىملەردە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ شۇ ئېتىقادچىلار بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن خېتىنى تاماملىغان.
تېزىس:
1. سالام (1 - 3-ئايەتلەر)
2. مېھىر-مۇھەببەتلىك ھايات (4 - 6-ئايەتلەر)
3. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى رەت قىلىش (7 - 11-ئايەتلەر)
4. ئاخىرقى سۆز (12-، 13-ئايەتلەر)
Currently Selected:
يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت (قىسقىچە چۈشەندۈرۈش): HZUT
Highlight
Share
Copy
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti