مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى،
ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم،
مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى،
ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل،
مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار،
ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،
شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن،
خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن.