پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:
«ساڭا ئايان قىلغانلىرىمنى خاتىرىلىۋالغىن!
ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈۋالغىن!
جاكارچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپمۇ، ئۇنى ئاسان ئوقۇيالايدىغان بولسۇن!
چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بولۇپ، ھەرگىز يالغان چىقمايدۇ.
گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن.
ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ.