ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. چۈنكى، بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار.