شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار. بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ.