YouVersion Logo
Search Icon

زىكىرىيا 2

2
3-غايىبانە ئالامەت _ ئۆلچەم تانىسى
1مەن يەنە قارىدىم ۋە قولىدا ئۆلچەم تانىسى تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆردۈم. 2مەن ئۇ يىگىتتىن:
_ نەگە كېتىۋاتىسىز؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ:
_ يېرۇسالېمغا، شەھەرنى ئۆلچەشكە، شەھەرنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى بىلىشكە كېتىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
3ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 4كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
_ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ. 5پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»
سۈرگۈندىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى
6پەرۋەردىگار: «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! 7ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان سىئون خەلقى، تىز بولۇڭلار، قېچىڭلار!» دەيدۇ.
8قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر. 9پەرۋەردىگار: «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، مەن بۇ ئەللەرگە قارشى مۇشتۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ قۇللىرى ئۆزلىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون قىزى#2: 10 سىئون قىزى _ سىئون يېرۇسالېمدىكى بىر تاغ بولۇپ، بۇ يەردە «سىئون قىزى» يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە سىمۋول قىلىنغان. ئۇ يەنە «يېرۇسالېم قىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.، چۇقان سېلىڭلار، تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى مەن كېلىپ ئاراڭلاردا ياشايمەن. 11ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. 12مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتىدىن ‹مېنىڭ شەھىرىم› قىلىپ تاللايمەن. 13ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.»

Currently Selected:

زىكىرىيا 2: HZUT

Highlight

Copy

Compare

Share

None

Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in