زەبۇر 83
83
83-مۇناجات
ئاساف يازغان مۇناجات
1ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا،
سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا.
2چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار
باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا.
ساڭا دۈشمەن بولغانلار
شۇنچە داۋراڭ سالماقتا.
3ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ،
سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە.
قارشى پىلان تۈزۈشەر،
سەن قەدىرلىگەنلەرگە.
4دەيدۇ ئۇلار:
«يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى،
ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»
5ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا،
ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.
6مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى،
موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار،
7گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك،
فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى،
8ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى،
ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا
يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ
9ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا
قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا
قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ،
شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا.
10ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى،
تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.
11ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ
بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك،#83: 11 ئورېب ۋە زىئېب _ مىديانلارنىڭ بەگلىرى ياكى سەركەردىلىرىدۇر.
ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك.#83: 11 زەباخ ۋە زالمۇننا _ مىديانلارنىڭ ئەمىرلىرىدۇر.
12چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى:
«ئۆزىمىزنىڭ مۈلكى قىلىۋالايلى
خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى.»#83: 12 چىمەن-يايلاق _ ئىسرائىلىيە زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ.
13ئى ئىلاھىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى
بوراندا قالغان قامغاقتەك.
سورۇۋەتكىن ئۇلارنى
شامالدا قالغان ساماندەك.
14كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _
ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان،
يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان.
15قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن،
ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن.
16چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى، ئى پەرۋەردىگار،
تاكى ياردەم سورىغىچە سېنىڭدىن ئۇلار.
17قارا يۈز بولغاي ئۇلار نومۇستىن،
رەسۋا بولۇپ يوقالغاي زېمىندىن.
18ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار#83: 18 پەرۋەردىگار _ بۇ ئايەتتە خۇدانىڭ خاس نامى بولۇپ، ئىبرانىيچە نۇسخىدا «ياھۋەھ» دەپ ئېلىنغان.
پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار.
Currently Selected:
زەبۇر 83: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

:
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti