ناھۇم 2
2
نىنەۋىنىڭ ۋەيران بولۇشى
1ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى!
سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار،
يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار،
قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ،
كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار!
2ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەر يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،
ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىنى بۇزۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ،
لېكىن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيەنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك،
ياقۇپنىڭ ئەجدادلىرى بولغان يەھۇدىيەنىڭ شان-شەرىپىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
3سىلەرنى يوقىتىدىغان دۈشمەن لەشكەرلىرى قىزىل كىيىملەرنى كىيىدۇ،
ئۇلارنىڭ قالقانلىرى قىپقىزىل بولۇپ، پارقىرايدۇ.
جەڭ كۈنىدە ھارۋىلارنىڭ تۆمۈرلىرى ئوتتەك چاقنايدۇ،
ئۇلار نەيزىلىرىنى ئوينىتىدۇ.
4جەڭ ھارۋىلىرىنى كوچا-كويلاردا ئۇچقاندەك ھەيدەپ،
دالالاردا ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ يۈرىدۇ.
ھارۋىلار مەشئەللەردەك يېنىپ،
چاقماقتەك ئالغا ئېتىلىدۇ.
5لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ.
ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ.
دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ.
6دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ،
ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ.
7مۇقەررەركى، نىنەۋىلىكلەر ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ،
كېنىزەكلەر كەپتەردەك ئۈنلىشىپ، پەرياد قىلىپ،
كۆكرەكلىرىگە مۇشتلاپ، ھازا تۇتىدۇ.
8خۇددى ئېچىۋېتىلگەن تۇغاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدەك،
خالايىق نىنەۋى شەھىرىدىن قېچىشىدۇ.
لەشكەر باشلىرى: «توختاڭلار! توختاڭلار!» دەپ ۋارقىراشسىمۇ،
لېكىن ھېچكىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ.
9ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار!
بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار،
قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.
10نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ.
نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ،
پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ،
تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.
11نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ شىرلار ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئىدىغۇ!
ئۇ يەردە ياش شىرلار غىزالىناتتى،
ئارسلانچاقلار ئەركەك ۋە چىشى شىر بىلەن بىخەتەر ياشايتتى.
12شىر كۈچۈكلىرىگە ئولجىلارنى يېتەرلىك پارچىلاپ، تىتىپ بېرەتتى،
چىشى شىر ئۈچۈن تىرىك ئولجىنى بوغۇپ ئۆلتۈرەتتى،
ئۆڭكۈرى ئولجا بىلەن توشۇپ كېتەتتى.
ئۇۋىسىغا گۆش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.
13قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن!
جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،
ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ،
مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن.
بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.»
Currently Selected:
ناھۇم 2: HZUT
Highlight
Copy
Compare
Share
Want to have your highlights saved across all your devices? Sign up or sign in
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

: