ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى، ئەكسىچە مېھماندوست، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئادىل، پاك ۋە تەمكىن بولۇشى لازىم.