1
زەبۇر 7:112
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
HZUT
قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا، كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا.
Compare
Explore زەبۇر 112:7
2
زەبۇر 1:112-2
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار. كۈچلۈك بولار زېمىندا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭغانلىرى.
Explore زەبۇر 112:1-2
3
زەبۇر 8:112
ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ.
Explore زەبۇر 112:8
4
زەبۇر 4:112
قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا.
Explore زەبۇر 112:4
5
زەبۇر 5:112
ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.
Explore زەبۇر 112:5
6
زەبۇر 6:112
ھەققانىيلار ئەبەدىي مەغلۇپ بولماس، ھەققانىيلار مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس.
Explore زەبۇر 112:6