1
زەبۇر 2:103
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
HZUT
ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.
Compare
Explore زەبۇر 103:2
2
زەبۇر 3:103-5
كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى، ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى. ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى، ياغدۇرار ھەم مۇھەببىتى، رەھىمدىللىقىنى. ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى، ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى.
Explore زەبۇر 103:3-5
3
زەبۇر 1:103
ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم.
Explore زەبۇر 103:1
4
زەبۇر 13:103
ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك، پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك.
Explore زەبۇر 103:13
5
زەبۇر 12:103
مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك، يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك.
Explore زەبۇر 103:12
6
زەبۇر 8:103
خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.
Explore زەبۇر 103:8
7
زەبۇر 10:103-11
ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا، جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا. ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك، خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك.
Explore زەبۇر 103:10-11
8
زەبۇر 19:103
پەرۋەردىگار ئورناتقاندۇر تەختىنى ئەرشكە، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلار ھەممىنىڭ ئۈستىدە.
Explore زەبۇر 103:19