ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا،
چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى،
قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى.
تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى،
گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنى،
ۋە خۇدايىمىزنىڭ قىساس ئالىدىغان كۈنىنى جاكارلاپ،
ھەسرەتلەنگەنلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.
سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى،
ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى،
مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.
ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ،
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن،
ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.