يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان،
ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار،
مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ.
ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا،
ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،
مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ،
دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن.
ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى
قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ،
چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»