شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ:
_ ئالىيلىرى، بىزنىڭ بۇ ئىشتا ئالدىلىرىدا ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلاشقا ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى.