پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«شۇنداق ياخشى كۈنلەر كېلىدۇكى،
دېھقانلار مول ھوسۇلىنى يىغىپ بولغۇچە،
يەنە بىر يەر ئاغدۇرۇش ۋاقتى كېلىدۇ.
ئۈزۈملىرىنى يانجىپ بولغۇچە،
يەنە بىر ئۈزۈم پىششىقى كېلىدۇ.
تاغلاردىن شەربەت تېمىپ، دۆڭلەردىن ئېقىپ چۈشىدۇ.
مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.
ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ.
ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ.
باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ.