يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ ئويلايسىلەر،
ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.